نىشان:
ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتون رايونى ئەتراپىدىكى (ۋاشىنگىتون، ۋىرگىنىيە ۋە مەرىلەند) ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەسجىد سېلىش.
ئۇيغۇر مەسجىدىنىڭ ھېچقانداق تەشكىلات، ھۆكۈمەت ياكى شەخس بىلەن مۇناسىۋىتى بولمايدۇ. ئۇيغۇر مەسجىدى ئوخشمىغان سىياسى قاراش ياكى پارتىيەلەردىكى بارلىق جامائىتىمىزنى ئاللاھنىڭ ئۆيىگە قارشى ئالىدۇ. بارلىق جامائىتىمىزنىڭ ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىدا بىرلىشىشى، جامائەتلىشىشى، ئوقۇشماسلىقلارنى تۈگىتىپ كۈچلۈك ئۇيغۇر جامائىتى بەرپا قىلىشى مەقسەد قىلىنىدۇ.
پروگرامما مەقسىدى:
ئۇيغۇر مەسجىدى قۇرۇشنى مۇقىم ئىقسادىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەسجىدى قۇرۇلۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتقان، ئورتاق ئىقتىسادىي مەسئۇلىيەتنى ئىختيارلىقى بىلەن ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغان ھەم مەسجىد باشقۇرۇش گۇرۇپىسىغا ئىشىنىدىغان بىر گۇرۇپپا دوست ۋە قېرىنداشلىرىمىزدىن قەرەللىك ئىئانە يىغىپ، ئۇيغۇر مەسجىدىنىڭ تېزراق قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
شەكلى:
ئەزالار ئۆزى خالىغان مىقدار ۋە مەزگىلگىچە (يېرىم يىللىق ياكى بىر يىللىق) ئەزالىق پۇلى تاپشۇرۇدۇ. ئىئانە قىلىشقا ئاتىغان پۇلىنى بىراقلا بەرسىمۇ، ياكى ئايغا بۆلۈپ بەرسىمۇ بولىدۇ. بىز قېرىنداشلارنىڭ ئاز بولسىمۇ، ئۇزۇن مۇددەتكىچە بېرەلەيدىغان، ئۆزىگە ئېغىر كەلمەيدىغان مىقداردىكى سوممىنى ئايدا قەرەللىك بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. تور بەتنىڭ ئىئانە بېتىدە بۇ خىل تاللاش بار. ياكى ھەر يېرىم يىل، ياكى بىر يىلدا بىراقلا بەرسىمۇ بولىدۇ.
مەسجىد قوللاش ئەزالىرى ئۆزىنىڭ ئىسمى ياكى ئۆزى خالىغان ئىسمىنى، تېلېفۇن نۇمىرى ، ئېلخەت ئادرىسنى ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەر ئايدا بېرەيلەيدىغان پۇل سوممىسى ھەم ۋاقىتىنى ئېنىق تولدۇرۇپ، مەسجىد ئىقتىساد فوندىغا مەسئۇل قەيسەر سىيىتقا ياكى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئۆزى ئىشىنىدىغان كىشىگە تاپشۇرۇشى ھەم ۋەدە قىلغان قىممەتتىكى سوممىنى ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا مەسجىد ھىساباتىغا شۇ ئاينىڭ 10-كۈنگىچە يۆتكەپ بېرىش كېرەك.
ئۇيغۇر مەسجىدى قوللاش ئەزالىقى 2021-يىل 9-ئايدىن باشلىنىدۇ.
ئىئانە ئۇسۇللىرى:
1. ئۇيغۇر مەسجىدى تور بېكىتىنىڭ “ئىئانە بېرىش” مەخسۇس بېتى ئارقىلىق ئىئانە بەرسە بولىدۇ. بۇ بەتتىكى مەخسۇس تەسىس قىلىنغان ئىئانە جەدۋىلى ئارقىلىق بىۋاستە ئىئانە قىلىسمۇ، ياكى Venmo, PayPal ۋە Cash App لەرنىڭ QR كودىنى تېلېفۇندا سكەن قىلغاندىن كىيىن، مەشغۇلاتقا ئەگىشىپ ئىئانە قىلسىمۇ بولىدۇ.
2. مەسجىد باشقۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئۆزى خالىغان ئەزاغا بەرسە بولىدۇ.
ھېسابات:
ئەزالاردىن يىغىلغان پۇللار باشقا ئىئانىلەرگە قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر مەسجىدى تورىدىكى “ئىئانە دوكىلاتى” بېتىدە ھەر ئاينىڭ بېشىدا يېڭىلىنىپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇيغۇر مەسجىدى قوللاش ئەزالىرىغا ئېلخەت ياكى ئۇچۇر ئارقىلىقمۇ ئەۋەتىپ بېرىلىدۇ.
ئىئانە قىلىنغان پۇللار پەقەت مەسجىدنىڭ ئىجارە ھەققىي ياكى سېتىۋېلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ. باشقا چىقىملارنى «ئۇيغۇربىز شىركىتى» ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ھازىرقى جۈمە نامىزى ئوقۇلىۋاتقان جاي ئۈچۈن ھېچقانداق پۇل تۆلەنمەيدۇ.
ئۇيغۇر مەسجىدى باشقۇرۇش گۇرۇپىسى:
زۇلپىقار، ئارسلان، مۇھەممەد، قەيسەر سىيىت