ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئۇيغۇر جامائىتى ئۆتكەن 2-3 يىل ئىچىدە جۈمە نامىزى، ھېيت نامازلىرى ۋە ھەرخىل پائالىيەتلەر ئۈچۈن ئۇيغۇر مەركىزىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشى بىلەن جامائەت ھەم پەرزەنتلىرىمىز مەنپەئەتلەنگەن ئىدى. خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبدىن ئۆتكەن بىر يىل جامائەت بىللە ناماز ئوقۇيالمىدۇق. ۋىرۇس خەتىرى ئۈتۈپ جامائەت نامىزىغا يول قويۇلغان بولساىمۇ ، ھەرخىل سەۋەبدىن ئۇيغۇر مەركىزىدە ناماز باشلىيالمىدۇق.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن (2021-يىل) 5-ئايدىن 28-كۈندىن باشلاپ، جۈمە نامىزىنى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن يەنە بىللە ئوقۇشنى باشلىدۇق. بۇ جاينى نەيىم ئاكىمىز بىز ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن ھەقسىز ئىشلىتىشگە بەردى. بىز ھىچقانداق پۇل تۆلىمەيمىز. ئاللاھ نەيىم ئاكىمىزدىن رازى بولسۇن، ئىشلىرىغا بەرىكەت بەرسۇن. تېخىمۇ كۆپ نەيىم ئاكىلىرىمىز چىقىشقا نىسىپ قىلسۇن، ئامىن.
بىز ئۇيغۇر مەسجىدىنى تەشكىللىك ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن سەمىمي، تەرەپسىز، خالىس، مەسجىدگە ئايدا كەم بولغاندا 2 قېتىم جۈمە نامىزغا قاتنىشالايدىغانلاردىن باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى، ئۇنىڭغا يانداش پىدائىلار گۇرۇپپىسى ۋە چوڭلاردىن مەسلىھەت ۋە نازارەت گۇرۇپىسى تەسىس قىلدۇق.
باشقۇرۇش گۇرۇپىسىدا:
زۇلپىقار مۇستاپا – مەسجىدنىڭ ئومۇمى ئورۇنلاشتۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ئىشلىرىغا مەسئۇل.
ئارسلان – جۈمە نامىزى، خاتىپ-ئىمام ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە مەسجىد تور بېتىنى باشقۇرۇش ئىشلىرغا مەسئۇل.
قەيسەر سىيىت – مەسجىنىڭ ئىئانىسىنى يىغىش، مەلۇم قىلىش مەسئۇل.
مۇھەممەت – ئۇيغۇر مەسجىدىنىڭ ئىقتىسادى چىقىمىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان (ئۇيغۇر بىز ) شىركەتنىڭ سودا مەبلىغى ۋە چىقىملىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل.
ئادىل ھاجىم ۋە ياسىر قارى ئىمامەتچىلىك ئىشلىرىغا،
دانىيار مۇئەززىنلىك قىلىشقا مەسئۇل.
پىدائىلار گۇرۇپپىسىدا – ئابدۇروپ، پەرھات يادىكار، دانىيار، نەجىمدىن، ئابدۇقادىر، مەمەت ھاجىم.
نەيىم ئاكا يۈسۈپ ھاجىم رەخىھاجىكا نازارەتچىلىك ئىشلىرغا مەسئۇل.
مەسجىد باشقۇرۇش ۋە ئىمامەتچىلىك ئىشلىرىنى مەسجىدگە داۋاملىق كېلىۋاتقان جامائەتلىرىمىزنىڭ پىكىرى ئارقىلىق بېكىتىمىز. بىز سىزلەرنىڭ بۇ گۇرۇپپىلارغا قاتنىششڭىزنى قارشى ئالىمىز.
ئۇيغۇر مەسجىدى ۋىرگىنىيە، مەرىلەند ۋە ۋاشىنگىتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۈچۈن كۈندىلىك ناماز، جۈمە نامىزى، ئىككى ھېيت نامىزى ۋە ھەر خىل دىنىي پائالىيەت ۋە تەربىيلەشنى مەخسەد قىلىپ قۇرۇلغان. ئۇيغۇر مەسجىدى ھېچقانداق تەشكىلات، ھۆكۈمەت ياكى شەخش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ئۇيغۇر مەسجىدى ئوخشمىغان سىياسى قاراش ياكى پارتىيەلەردىكى بارلىق جامائىتىمىزنى ئاللاھنىڭ ئۆيىگە قارشى ئالىدۇ. ئىختىلاپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنمايدۇ. خالىغانچە سىياسى ياكى ئىقتىسادى ئېلان-ئۇقتۇرۇش قىلىىنمايدۇ. مەقسىدىمىز بارلىق جامائىتىمىزنىڭ مۇشۇ يەردە ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىدا بىرلىشىش، جامائەتلىشىش، ئوقۇشماسلىقلارنى تۈگىتىپ كۈچلۈك ئۇيغۇر جامائىتى بەرپا قىلىش.
نۆۋەتتە جۈمە نامىزى ئوقۇلىۋاتقان جايدىن ئىجارە ھەققى ئېلىنمىغاچقا، نۆۋەتتىكى ئورۇن ئۈچۈن ئالاھىدە ئىئانە پۇل يىغىلمايدۇ. ھەرخىل ئۇششاق چىقىملارنى باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى قۇرغان «ئۇيغۇر بىز» شىركىتى سودا پايدىسى ئارقىلىق ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن ئاخىرقى مەقسىدىمىز ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان ئۇيغۇر مەسجىدىنى ئىجارە ئېلىش ياكى قۇرۇش بولغاچقا، سىلەرنىڭ ئىئانە بېرىشىڭىزلارنى قارشى ئالىمىز. ئىئانە ئىشلىرى ھەر ئايدا مەسجىد تور بېتىدا ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ پۇللار كەلگۈسى ئۇيغۇر مەسجىدى ئىجارە ياكى سېتىۋېلىش ئىشلىرى ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلمەيدۇ. ئەگەر باشقا شەخىس ياكى گۇرۇپپىلار ئۇيغۇر مەسجىدى بەرپا قىلسا، بىز بۇ پۇللارنى جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز.
تەكلىپ-پىكىرىڭىز بولسا مەسجىدكە قويۇلغان ئىئانە ساندۇقىغا خەت يېزىپ تاشلاپ قويسىڭىزمۇ ياكى تور بېتىمىزدىكى پىكىر قىلىش ئورنىغا خەت يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.