سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىر ھەدىمىز مەندىن ئۆلۈپ كەتكەن ئاتىسىغا ئاتاپ نەزىر قىلماقچى(1) بولغان پۇلنى سەدىقە قىلسا دادىسىغا مەنپەئەتى بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى. مۇشۇ ھەقتە بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز. قىلسا بولىدىغان ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل باشقا بىرەر ئىش بارمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
بىر ئىنسان ۋاپات بولغان چاغدا قەرزلىرى بولسا ئادا قىلىپ، ۋەسىيەتلىرى بولسا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى مىقدارىدا ئورۇنداپ، قالغان مىراسنى مىراسخورلار شەرئى تەقسىم قىلىشىدۇ، مىراسنى تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن مىراستىن سەدىقە قىلىشقا بولمايدۇ. پەقەتلا ھەممە مىراسخورلار رازى بولغاندىلا ئاندىن سەدىقە قىلىشقا بولىدۇ.
ئەمدى مىراس تەقسىم قىلىنىپ بولدى دەيلى، ھەر بىر مىراسخور مېيىت ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ سەدىقە قىلسا، بۇ سەدىقىنىڭ ساۋابى مېيىتكە يېتىدۇ.
سەدىقە ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ:
1- داۋاملىشىدىغان سەدىقە. 2 – داۋاملاشمايدىغان سەدىقە.
2- داۋاملىشىدىغان سەدىقە دېگىنىمىز: ئۇزۇن مۇددەت پايدىسى يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە بولۇپ، مەسىلەن، مەسچىت ياساش، قۇدۇق قېزىش، كىتاب نەشر قىلىش، دېگەندەك ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان سەدىقىدۇر.
3- داۋاملاشمايدىغان سەدىقە دېگىنىمىز: بىر قېتىملا ياكى قىسقا مۇددەت پايدىسى يېتىدىغان سەدىقە بولۇپ، مەسىلەن، كەمبەغەلگە بېرىش، تاماق يېگۈزۈش دېگەندەك.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتىسى ئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل سەدىقە:
قۇرئان، دىنىي كىتابلارنى سېتىۋېلىپ دوست – بۇرادەر ۋە باشقا تونۇشلىرىغا تارقىتىپ بېرىش.
پايدىلىق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا سەرپ قىلىش.
موھتاجلارغا قۇدۇق قېزىش ياكى بۇروۋاي قۇرۇپ ياكى تۇرۇبا ئۇلاپ پاكىز سۇ ئەكىلىپ تەمىنلەش.
ئوقۇش پۇلى تاپالمىغان يېتىم – يېسىر ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش.
مەسچىت سېلىش ۋە رېمونت قىلىش. ۋە يۇقىرىقىلارغا ئوخشىغان ئىشلار.
يەنە مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش مېيىت ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئەمەللەردىندۇر.
ئەگەر مېيىتنىڭ بوينىدا پەرز ھەج ياكى ئادا قىلالمىغان كاپارەت بولسا ئورنىدا ئادا قىلىش لازىم. تۇتالماي قالغان روزىسى بولسا ئورنىدا تۇتۇپ قويسا بولىدۇ.
ھەر بىرىمىز ھايات ۋاقتىمىزدا بوينىمىزدىكى پەرز، ۋاجىباتلارنى تولۇق ئورۇنداشقا تىرىشايلى، ئۆلگەندىن كېيىن پايدىسى يېتىپ تۇرىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىۋالايلى. بەلكى پەرزەنتلىرىمىز بىز ئۈچۈن سەدىقە جارىيە قىلالماسلىقى مۇمكىن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2011. 4. 18
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 84– نومۇرلۇق پەتۋا. – https://sajiya.biz/?p=2809
————————————-
1. «نەزىر قىلىش»: كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىپ قىلمىغان بىر ئىشنى، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىپ قىلىۋېلىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتىمەن، مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن مېڭىپ بېرىپ ھەج قىلىمەن، دېگەندەك.